باش ياز مەۋسۇمىدە كۈتۈنۈشتە، جۇڭيى تېبابىتىدە روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش، ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى يەپ قۇۋۋەت تولۇقلاشنى ئاساس قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ
5-ئاينىڭ 5-كۈنى باش ياز مەۋسۇمى يېتىپ كەلدى. جۇڭيى تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، باش ياز مەۋسۇمىدە، روھىي كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئاسان سىڭىدىغان تاماقلارنى يەپ قۇۋۋەت تولۇقلاشنى ئاساس قىلىش كېرەك ئىكەن.
چاڭشا شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنىبىرلەشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئوۋ جياڭخۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: باش ياز مەۋسۇمىدىن كېيىن، ياڭچى تەدرىجىي كۈچىيىدۇ. كۈتۈنۈشتە چوقۇم يېتىش-قوپۇش، كەيپىيات، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ، بەدەننىڭ پەسىل ئۆزگىرىشىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.
ئوۋ جياڭخۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: باش ياز مەۋسۇمىدىن كېيىن تېمپېراتۇرا ئۆرلەيدۇ، ھەرىكەت قىلغاندا سەيلە قىلىپ مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، يوگا، سۇ ئۈزۈش قاتارلىق تۈرلەرنى تاللاشقا بولىدۇ. باش ياز مەۋسۇمىدىن كېيىن ھاۋا تەدرىجىي ئىسسىپ، كىشىنى ئاسانلا بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. باش ياز مەۋسۇمىدە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئاسان سىڭىدىغان يېمەكلىكلەرنى يىيىشنى ئاساس قىلىش، قارا ئۆرۈك، دولانا قاتارلىق چۈچۈمەل تەملىك يېمەكلىكلەرنى ياكى كۇگۇا، ئوسۇڭ، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىق نېرىپنى تىنىچلاندۇرۇپ، ئىسسىقنى ياندۇرىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىش، تۇزلانغان بېلىق، سۈر گۆش قاتارلىق تەركىبىدە تۇز ۋە ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىش كېرەك.
ئوۋ جياڭخۇڭ مۇنداق ئەسكەرتتى: باش ياز مەۋسۇمىدىن كېيىن تال ۋە ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس كىشىلەر سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچمەسلىكى، تال ۋە ئاشقازاننى زەخىملەندۈرۈپ، ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىشى، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ياغسىز يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشى كېرەك، مەسىلەن: بەيخې، نېلۇپەر ئۇرۇقى ۋە ماشتىن تەييارلانغان ئۇماچ، خەيدەي، مارجان گۈرۈچ ۋە قوۋۇرغىدىن تەييارلانغان شورپا قاتارلىقلار.
خۇنەن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى 2-تارماق دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى لى شياۋشا مۇنداق ئەسكەرتتى: باش ياز مەۋسۇمىدىن كېيىن، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، كىشىلەرنىڭ دالا پائالىيىتى كۆپىيىپ، تېرىدە ئاسانلا زىيادە سەزگۈزلۈك پەيدا بولۇش مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. زىيادە سەزگۈرلۈك مەنبەسى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئازايتقاندىن باشقا، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، ھاراق ئىچمەسلىك ياكى ئاز ئىچىش، لازىنى ئاز يېيىش كېرەك.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
بۇ مەزمۇن يارىغان بولسا، كۆپلەپ تارقىتىپ قويغايسىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نۇرىمانگۈل نۇرغۇجى